Chinese→Uyghur主要词典
应激性
بىئولوگىيە
قوزغىلىشچانلىق
<جىددىيىشىشچانلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئورگانىزم ۋە ھايات توقۇلمىلارنىڭ غىدىقلاشقا قارىتا ئەكس تەسىر ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بارلىق جانلىق ئورگانىزملارنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى. نېرۋىنىڭ غىدىقلاشقا بولغان ئىنكاسى نېرۋا ئىمپولسىنى ھاسىل قىلىش يەنى قوزغىلىشتىن ئىبارەت. مۇسكۇلنىڭ غىدىقلاشقا بولغان ئىنكاسى ئالدى بىلەن مۇسكۇل ئىمپۇلسىنى ھاسىل قىلىش، ئارقىدىنلا مۇسكۇل قىسقىراش رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىش بولۇپ، ئۇمۇ قوزغىلىش دېيىلىدۇ. شۇڭا توقۇلمىنىڭ غىدىقلاشقا قارىتا قوزغىلىش رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى قوزغىلىشچانلىق دەپ ئاتىلىدۇ. نېرۋا ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ غىدىقلاشقا قارىتا قوزغىلىش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىدىغان توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا جىددىيلىشىشچانلىق بىلەن قوزغىلىشچانلىق ئاتالغۇلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. جىددىيلىشىشچانلىقنىڭ ئۇقۇمى قوزغىلىشچانلىققا قارىغاندا كەڭ، لېكىن قوزغىلىشچانلىق نىسبەتەن كەڭ تارقالغان تېرمىن (ئاتالغۇ). توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى مۇقىم، ئۆزگەرمەس بولماستىن بەلكى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. نېرۋا غىدىقلانغاندىن كېيىن غىدىقلانغان ئورۇندا ئىنتايىن قىسقا بىر مۇتلەق ئىنكاسسىز دەۋرى پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا غىدىقلاش سىجىللىقى قانچە چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توقۇلمىدا ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىش پەيدا قىلالمايدۇ. ئارقىدىنلا قوزغىلىشچانلىقى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدىغان نىسپىي ئىنكاسسىز دەۋرى پەيدا بولىدۇ، بۇ دەۋردە چەكتىكى غىدىقلاش سىجىللىقىدىن كۈچلۈك بولغان غىدىقلاشلار توقۇلمىدا قوزغىلىش ھاسىل قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قوزغىلىشچانلىق داۋاملىق ئۆرلەپ نورماللىقتىن تاشقان دەۋرى پەيدا بولىدۇ. بۇ دەۋردىكى قوزغىلىشچانلىق نورمال سەۋىيىدىن ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، قوزغىلىشچانلىق تۆۋەنلەپ بىر مەزگىل خېلى ئۇزۇن ۋاقىت نورماللىقتىن تۆۋەن دەۋرى ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاندىن نورمال سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قوزغىلىشچانلىقنىڭ بۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلىرى ئوندىن بىر سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ناھايىتى تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشلەردۇر.
تېببىي
yìng jī xìng
جىددىيلىنىشچانلىق، قوزغىلىشچانلىقDئۇنىۋېرسال
yìng jī xìng
سېزىمچانلىق
Dتەنتەربىيە
yìng jī xìng
سېزىمچانلىق، قوزغىلىشچانلىق