Chinese→Uyghur主要词典
英法协议
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە - فرانسىيە كېلىشىمى
(1) ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە غەربىي ئافرىقىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا 1898-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىمزالىغان كېلىشىم. بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەتنىڭ نېگر دەرياسى بىلەن چاد كۆلى رايونىدىكى مۇستەملىكىسىنى رەتكە سالغان، فرانسىيە ئۆزىنىڭ ئىشالىيىتىدىكى داھومىي بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق سوداننى تۇتاشتۇرغان. ئەنگلىيە نېگىر دەرياىسنىڭ قاتنىغىلى بولىدىغان بۆلىكى ۋە چاد كۆلىنىڭ شەرقىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە قىممەتكە ئىگە رايوننى قولغا كەلتۈرگەن. (2) ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى تەسىر داىئرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا 1899-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىمزالىغان كېلىشىم كېلىشىمىدە فرانسىيە نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كېچىش، لېكىن شىمالىي ئافرىقىدىكى بېقىندى بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىنى تۇتاشتۇرۇش؛ ئەنگلىيە سودانغا ئىگە بولۇش، پۈتۈن نىل درياسى ۋادىسىنى ئىگىلەش ھەمدە مىسىر بىلەن ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى زېمىنلىرىنى تۇتاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن. (3) ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا 1896-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىمزالىغان كېلىشىم. كېلىشىمدە ئىككى تەرەپ سىيامنىڭ مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ دۆلەتتە ئالاھىدە ئورۇننى كۆزلەشكە يول قويماسلىق؛ مېكۇنگ دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايون فرانسىيىگە تەۋە بولۇش، ئەنگلىيە بىرما ۋە مالايادىكى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كېپىللىك قىلىش بەلگىلەنگەن.