Chinese→Uyghur主要词典
印度自治同盟
دۇنيا تارىخى
ھىندىستان ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى
ھىندىستان مىللەتچىلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى. جەمئىي ئىككى تەشكىلات بولۇپ، بىرىنى 1916 - يىلى 4 - ئايدا تىلەك پۇنا شەھىرىدە قۇرغان. يەنە بىرىنى 1916 - يىلى 9 - ئايدا بېزەنت خانىم كالكۇتتىدا قۇرغان. ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە زىيالىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇددىئاسى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ۋاسىتىسى بىلەن ھىندىستاننىڭ بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. 1916 - يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى <لاكنائۇ ئەھدىنامىسى> نى تۈزۈپ، ھىندىستان <برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە باشقا دومىنئونلار بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى> ئاپتونومىيىگە ئېرىشىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىتتىپاقنىڭ پائالىيىتى بارغانسېرى ئازىيىپ، ئاخىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.