Chinese→Uyghur主要词典
印度支那联邦
دۇنيا تارىخى
ھىندىچىنى ئىتتىپاقى
فرانسىيىنىڭ ۋيېتنام، كامبودژا ۋە لائوسلاردا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈش ئاپپاراتى. 1887 - يىلى قۇرۇلغان. فرانسىيىنىڭ باش ۋالىيسى ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، خانۇيدا تۇرغان. باشتا بىۋاستە قاراشلىق مۇستەملىكە كۈچىنچىنى بىلەن ھامىيلىقتىكى زېمىنلار ئانتام (جۇڭچى)، تونكىن (بېيچى) ۋە كامبودژىدىن تەركىب تاپقان. 1893 - يىلى لائوس بۇ ئىتتىپاققا قوشۇۋېلىنىپ، ھامىيلىقتىكى زېمىن قىلىنغان. فرانسىيە 1889 - يىلى جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ قولتۇقى (بۈگۈنكى جەنجياڭ) نى زورلۇق بىلەن ئىجارىگە ئېلىۋېلىپ، ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە ھىندىچىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، فرانسىيىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقارغان. نەتىجىدە ھىندىچىنى ئىتتىپاقى شەكلەن گۇمران بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە بۇ مۇستەملىكە ئورگىنىنى قايتا تىكلىيەلمىگەن.