Chinese→Uyghur主要词典
印度协会
دۇنيا تارىخى
ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسى
ھىندىستاندىكى مىللەتچى تەشكىلات. 1876 - يىلى 7 - ئايدا سورىندرا - نات بانناگى بىلەن ئاناند موھان بوسېلەر كالكۇتتا شەھىرىدە قۇرغان. كېيىن بېنگال ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبىلىرى قۇرۇلغان. پومېشچىك - بۇرژۇئا لىبېرالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. مەقسىتى: مېموراندۇم تاپشۇرۇش ۋە تىنچلىق يولى بىلەن ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدە جامائەت پىكرى توپلاپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىش، سىياسىي مەنپەئەت ۋە ئارزۇنىڭ بىرلىك - ئورتاقلىقى ئاساسىدا ھىندىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. دېھقانلار ۋە يەر مەسىلىسىدە بولسا بۇ ئۇيۇشما زامىندارى تۈزۈمىنى قوللىغان. 1883 - يىلى 12 - ئايدا كالكۇتتىدا 1 - قېتىملىق مىللىي يىغىن چاقىرغان. بۇنىڭغا بېنگال، مادراس، بومباي ۋە بىرلەشمە ئۆلكىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بېنگالدا تەشكىللىك مىللىي ھەرىكەت تەرەققىياتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيىتى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان.