Chinese→Uyghur主要词典
益母草
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
گۈلبوغۇن
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى
يوپۇرماقلىرى يۇمىلاق تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرىدە رەتسىز يېرىقچىلار بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى شىنىسىمان، ئۈچكە چوڭقۇر
يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى كالپۇك شەكىللىك، رەڭگى سۇس سۆسۈن قىزىل، يۇمشاق ئاق تۈكلۈك كېلىدۇ،
گۈللىرى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىغا توپلىشىپ ئۆسكەن ئايلانما گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك،
قاتتىق مېۋە، شەكلى ئۈچ قىرلىق، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە گۈلى تولۇق
ئېچىلغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، كەسلەپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى كۈز پەسلىدە ئوبدان پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس تاغلىق يەرلەردىكى
چاتقاللىق، دەريا بويلىرى ۋە ئوتلاقلاردىكى نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، جىگەرنى
تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ گۈلبوغۇن 10 ~ 30 گرام، ئۇرۇقى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككى كىلوگرام گۈلبوغۇننى بىر كىلوگرام كىرەش، 140 گرام قۇستە بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن
ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن
ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلبوغۇن ۋە قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلدىن 53 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلبوغۇن ئۇرۇقىدىن 15 گرام، سەبدىگۈلدىن 12 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 10 گرام، تاجىگۈل ئۇرۇقىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ياللۇغى ۋە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىگە ئاق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 ~ 100 گرام گۈلبوغۇن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ۋە قان بېسىمى يۇقىرىلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام گۈلبوغۇن 8 ~ 12 گرام زۇلفا يوپۇرمىقى، 12 گرام ماڭدار، 10 گرام قۇشقاچتىل، 12 گرام چىنىگۈل، 12 ~ 20 گرام ئۈجمە يىلتىزى
پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈلبوغۇننى ئۇششاق توغراپ، بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن شامىسىنى ئېلىۋېتىپ،
ھەممە سۇيۇقلۇقنى قوشۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، بۇنىڭغا باراۋەر مىقداردا ھەسەل قوشۇپ يەنە قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى
قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىق، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قان
توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
گۈل بوغۇن
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۆت قىرلىق بولۇپ، يىرىك تەتۈر ياتما تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، گۈل رېتىدىكى يوپۇرماق يىپ شەكىللىك ياكى يىپسىمان تۆمۈنە شەكىللىك، نېپىز بولىدۇ. گۈل رېتى ئايلانما بولۇپ ئۆسكەن كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىگە كىرىدۇ؛ گۈل كاسىسى نەيسىمان، قوڭغۇراق شەكىللىك بولىدۇ؛ گۈلتاجىسى كالپۇكسىمان رەڭگى توق قىزىلدىن قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگىچە بولىدۇ، گۈلتاجى نەيچىسىنىڭ ئىچىدە ھالقىسىمان تۈكچىلەر بولىدۇ، ئۇچى قىسمى ئىككى كالپۇك شەكىلدە بولۇپ، ئۈستۈنكى كالپۇكنى يۇمشاق تۈكچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ، گىرۋىكى تولۇق كېلىدۇ. كىچىك، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپىسسىمان ئۈچ قىرلىق بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقىلىدۇ، ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە كەڭ تارقالغان، ھەرخىل مۇھىتتا ئۆسىدۇ. ئىنچىكە يوپۇرماقلىق گۈل بوغۇن (L.Sibiricus.L) غا يېقىنراق كېلىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى گۈلى بىرئاز چوڭ ۋە غولىنىڭ ئۇچىدىكى يوپۇرمىقى ئۈچكە يېرىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل تۈردىكى ئۆسۈملۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ <گۈل بوغۇن> دەپ ئاتىلىدۇ. مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇش، قان قېيىشنى يوقىتىش، ھەيزنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئاساسەن ھەيز قالايمىقان كېلىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان قىيىۋېلىشتىن بولىدىغان قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ. گۈل بوغۇن مېۋىسى قوشۇمچە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. پۈتۈن ئۆسلۈملۈك تەركىبىدە گۈل بوغۇن ئىشقارى بولىدۇ، ئۇ ماتكىنى قۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
yì mǔ cǎo
گۈلبوغۇن
Dتېببىي
yì mǔ cǎo
گۈلبوغۇن، تاغ بادرەنجى بويىسى (كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى گۈلبوغۇننىڭ يەر ئۈستى چۆپ قسىمى )Dئورمانچىلىق
yì mǔ cǎo
گۇلبۇغۇنDئۆسۈملۈك
yì mǔ cǎo
گۈلبوغۇم، بادرەنجىبۇيا