Chinese→Uyghur主要词典
伊朗资产阶级革命
دۇنيا تارىخى
ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابى
ئىراننىڭ 1905 - 1911 - يىللىرىدىكى جاھانگىرلىك ۋە فېئدالىزمغا قارشى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىراننىڭ يېرىم مۇستەملىكىشىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان، مەملىكەت ئىچىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان، بۇ ھال خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1905 - يىلى 12 - ئايدا، تېھران، تەبرىز قاتارلىق جايلاردىكى ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسى زور خەلق ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئىنقىلابىي دېموكراتىك تەشكىلات ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ، پادىشاھ مۇزەپپەر ئالدىن (1853 - 1907) نى ئىككىنچى يىلى پارلامېنت چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن جاكارلاشقا ھەمدە تەختنى ۋەلىئەھد مۇھەممەد ئەلى (1872 - 1925) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبور قىلغان. 1907 - يىلدىن كېيىن، ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتى چوڭقۇر راۋاجلانغان. 1908 - يىلى 6 - ئايدا مۇھەممەد ئەلى تېھراندا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، پارلامېنت ۋە ئىنقىلابىي تەشكىلاتلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، ئىنقىلابچىلارنى قىرغىن قىلغان، خەلق ھەرىكىتى يېڭى دلقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1909 - يىلى 7 - ئايدا شىمالىي ئىنقىلابىي قوشۇنى پادىشاھقا قارشى قەبىلىلەرنىڭ بەگلىك قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، تېھراننى ئىشغال قىلىپ، مۇھەممەد ئەلىنى بىكار قىلىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك پارلامېنتنى چاقىرغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پومېشچىك، بۇرژۇئا گورۇھلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزم كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. 1911 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە ۋە روسىيە قوشۇنلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىراقنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان. ئەكسىلئىنقىلابىي گورۇھلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 12 - ئايدا تېھراندا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، قاجار خاندانلىقى تىرىلىپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان.