Chinese→Uyghur主要词典
伊克巴尔
دۇنيا تارىخى
ئىقبال
(1873 - 1938) پاكىستانلىق شائىر، پەيلاسوپ، پەنجاپ شتاتىنىڭ سىيالكوت دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، لاھور ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىن ئەنگلىيىنىڭ كېمبرىچ ۋە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پەلسەپە ۋە قانۇن ئوقۇپ، 1908 - يىلى دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، لاھور ئىنستىتۇتىدا پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن ھەمدە ئادۋوكات بولغان. ئىسلام دىنى ئىسلاھاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1930 - يىلى مۇسۇلمانلار ئىتىپاقى ئاللائاباش يىللىق يىغىنىدا رەئىسلىككە سايلانغان. يىغىندا پەنجاپ، غەربىي شىمالدىك چېگرا ئۆلكىلەر، سىند ۋە بېلوجىستاندا غەربىي شىمال ھىندىستان مۇسۇلمانلار دۆلىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1931 - يىلى لوندون ئىككىنچى قېتىملىق يۇمىلاق جوزا يىغىنىغا قاتناشقان. ئوردو تىلى ۋە پارس تىلىدا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شېئىرلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك زۇلۇمى ئاستىدىكى خەلقنىڭ ئازابلىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرىنى مەدھىيلىگەن. ئىسلام دىنى پەلسەپىۋى قائىدىلىرى شېئىرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭدا قەدىمكى پېرسىيىنىڭ مىستىتىزم شېئىرىي ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دىنىي پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىڭدۈرگەن. بۇ شېئىرلار ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقالغان. <پەنجاپ دېھقانلىرىغا>، <كارۋان قوڭغۇرىقى>، <مېنىڭ سىرىم>، <باشلىقلارنىڭ سىرى>، <شىكايەت>، <ئىسلام دىنى ئىدىيىسىنىڭ قايتا تۇرغۇزۇلۇشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
تارىخ
yī kè bā ěr
ئىقبال
دىن
yī kè bā ěr
伊
ئىسلام دىنى
ئىقبال، مۇھەممەد ئىقبال