Chinese→Uyghur主要词典
一进会
دۇنيا تارىخى
تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى
چاۋشىيەندىكى لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ياپونپەرەس تەشكىلات. 1904-يىلى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپون ئارمىيىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن، سۇڭ بىڭجۈن يىن شىبىڭ بىلەن بىرلىشىپ يېڭىلىققا كۆچۈش جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان دۇڭشۆداڭ پىرقىسىنىڭ قالدۇقلىرىدىن تەركىب تاپقان تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، نامىنى تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن. ياپون ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىچلىق ھەرىكىتىگە پائال ياردەم بەرگەن. 1905-يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، دىپلوماتىك ھوقۇقنى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ۋە ئىچكى ئىشلىرىنى <ئىسلاھ قىلىش> تا ياپونلۇقلارنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى <يىسى ھامىيلىق قىلىش شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، ياپونلار باش نازارەتچى بولغان چاۋشيەن باش نازارەت مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. مەزكۇر جەمئىيەت يەنە <يېڭى خەلق گېزىتى> چىقىرىپ، ياپونپەرەسلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1909-يىلى چاۋشيەن باش نازارەتچىسى ئىتو خىرومى ئۆلتۈرۈلۈپ، ياپونغا قارشى كۈرەش كۈچەيگەن، تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىىتىنىڭ باشلىقى لى رۇڭجيۇ قاتارلىقلار بىر مىليون ئەزانىڭ نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. 1910-يىلى 8-ئايدا، ياپونىيە چاۋشىيەننى <چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنىڭ قوشۇلۇش شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەننى ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى تارقىلىپ كەتكەن.