Chinese→Uyghur主要词典
伊戈尔
دۇنيا تارىخى
ئىگور
(تەخمىنەن 877 - 945) كيېۋ رۇس كىنەزى (912 - 945). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىيۇرىكنىڭ ئوغلى بولۇپ، رىيۇرىك خاندانلىقىنى قۇرغۇچى ئىكەن. تەختتىكى مەزگىلىدە ئولېگىنىڭ ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان، ئولچىلاردرېۋلىيانلار ۋە پېچېنەكلەر كېيىۋ رۇسلىرىغا بويسۇنغان، يەنە كاسپى دېڭىزى بويلىرىغىچە يۈرۈش قىلغان، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، قارا دېڭىزغا تۇتىشىدىغان سودا يوللىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، مىلادى 941، 944 - يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان. بىرىنچى قېتىمدا مەغلۇپ بولغان، ئىككىنچى قېتىمدا 944 - يىلى يېڭى سۈلھ شەرتنامە تۈزۈش بىلەن ئاخىرلاشقان. لېكىن يېڭى سۈلھ بولمىغان، 945 - يىلى، ئىگور ئولپان يىغقىلى چىققاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن درېۋلىيانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
تارىخ
yī gē ěr
ئىگور