Chinese→Uyghur主要词典
伊尔苏起义
دۇنيا تارىخى
ئىرسۇ قوزغىلىڭى
قەدىمكى مىسىر 19 - سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ. تەخمىنەن مىلادىدىن 1210 يىل ئىلگىرىكى يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە، مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۈرىيىلىك قۇل (ياللانما ئەسكەر دېگەن گەپمۇ بار) ئىرسۇ رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىغان. قۇللار ۋە نامراتلار (بەلكىم كۆپلىگەن سۈرىيىلىكلەر) كەڭ كۆلەمدە قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار راھىب، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، قۇلدارلار گۇرۇھىغا زەربە بەرگەن. ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئىرسۇ ئۆزىنى قىرئەۋىن دەپ ئاتىغان. كېيىن مىسىر 20 - سۇلالىسىنى قۇرغۇچى فىرئەۋىن سېناھت تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەشھۇر <خارس پاپىرۇس قول يازمىلىرى> دىمۇ خاتىرىلەر بار