Chinese→Uyghur主要词典
异端裁判所
دۇنيا تارىخى
بىدئەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى
<دىنىي ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى>، <دىنىي سوت> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. رىم كاتولىك چېركاۋلىرى تەسىس قىلغان. بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن رازۋېتكا ۋە ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئورگان. پاپا ئىننوسېن Ⅲ تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە (1198 - 1216) دەسلەپتە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالىبېچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان. پاپا گېرېگورىي Ⅸ تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە (1227 - 1241) رەسمىي بەرپا قىلىنغان. بۇنىڭغا دومىنكو جەمئىيىتى موناخلىرى بىلەن ئاز سانلىق فرانسېسكو جەمئىيىتى موناخلىرى رىياسەتچىلىك قىلغان. فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق كاتولىك دىنىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان. ئۇ، چېركاۋغا قارشى، فېئوداللىققا قارشى بارچە بىدئەتچىلىك ۋە بىدئەتچىلىك ۋە بىدئەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى كىشىلەر ياكى ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغانلارنى باستۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. پالاغا بىۋاستە قارىغان، دەھرىي دائىرىلىرى بىلەن يەرلىك دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان، ئۇنىڭ سودىيىلىرى جىسمانىي جەھەتتىن دەخلى - تەرۇزسىز بولغان. سوراق مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان ۋە قاتتىق قىيناش بىلەن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرغان. جاۋابكار ئەگەر گۇناھىغا توۋا قىلسا ئۇلارنى قاماققا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان؛ گۇناھىغا توۋا قىلمىغانلارنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، دەھرىي دائىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، بۇنىڭغا <قان چىقارماي جازالاش> دەپ ئات قويۇلغان. ⅩⅣ ئەسىردىن كېيىن، غەربىي ياۋروپا مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھوقۇق دەھرىي دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1480-يىلى ئىسپانىيىدە قۇرۇلغان بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى مۇستەبىت مونارخىيىنى غالجىرلاشقان، يالغۇز بىئدئەتچىلەرنى باستۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. 1483 - 1498 - يىللىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، پاپا زىمدا بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئالىي ئورگىنىنى تەسىس قىلغان. ⅩⅧ ئەسىرگە كەلگەندە، غەربىي ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىدىمۇ ⅩⅨ ئەسىردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇغالن. 1908-يىلى پاپا پىئۇس Ⅹ (1903 - 1914 ـ يىللىرى تەختتە تۇرغان)، رىم بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئالىي ئورنىنى <مۇقەددەس ۋەزىپە ئۆتەش ئورنى> غا ئۆزگەرتكەن، ئاساسەن، كىتاب - ژورناللارنى تەكشۈرۈش، مەنئى قىلىنىدىغان كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى ئېلان قىلىش، دەىنىي مۇخلىسلىرىنى دىندىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە روھانىي خىزمەتچىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيىلەرنى ئويناپ كەلگەن.
قانۇن
yì duān cái pàn suǒ
بىدئەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى
دىن
yì duān cái pàn suǒ
基
خىرىستيان دىنى
مەھكىمەشەرئى، دىنىي سوت