Chinese→Uyghur主要词典
易德里西
دۇنيا تارىخى
ئىدرىس
(1099 ياكى 1100 - 1166) ئەرەب جۇغراپىيونى. سېئوتادا تۇغۇلغان. ئىسپانىيەنىڭ كوردوۋا شەھىرىدە ئوقۇغان. كېيىن شىمالىي ئافرىقا ۋە كىچىك ئاسىيانى كەڭ تۈردە ساياھەت قىلغان. تەخمىنەن 1138 - يىلى سىتسىلىيە كورۇلى روجېر Ⅱ نىڭ تەكلىپى بىلەن پالېرموغا كېلىپ، خانلىق جۇغراپىيە ئالىمى بولغان. 466 سەر كۈمۈش بىلەن گلوبۇس ياساپ، ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئاساسلىق ئىقلىم بەلباغلىرىنى ئۇيۇپ چىققان. ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، يەر شارىنىڭ شارسىمان ئىكەنلىكگە ئىشەنگەن، شۇڭا ئۇ سىزىپ چىققان دۇنيا خەرىتىسى بىر قەدەر توغرا بولغان، لېكىن خەرىتىدىكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ ھازىرقى خەرىتىدىكىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالغان. سىتسىلىيە كورۇلى ۋە شاھزادىسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا كۆپلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىيالىغا ئىگە بولغان، بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھەمدە ئۆزىنىڭ بىلىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، <دۇنيانى ساياھەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ ھەۋىسى> (<روجېر كىتابى>) ناملىق دۇنيا جۇغراپىيە تەزكىرىسىنى يېزىپ چىققان، ئۇنىڭدا جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ خاتىرىلەر بار. بۇ كىتاب لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپالىقلار ئۇنى نوپۇزلۇق ئەسەر دەپ ھېسابلىغان.