Chinese→Uyghur主要词典
胰岛素
بىئولوگىيە
ئىنسۇلىن
ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىچكى ئاجرىتىش توقۇلمىسى لانگېرگانس ئارالچىلىرى B (β) ھۈجەيرىلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان بىر خىل سىنكلىك گورمون. مولېكۇلا ئېغىرلىقى 6000 بولۇپ، 51 ئامىنوكسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن، A ۋە B دىن ئىبارەت ئىككى پېپتىد زەنجىرىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئىككى قوش گۇڭگۇرت بېغى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. B ھۈجەيرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سىنتېزلەيدىغىنى پروئىنسۇلىن بولۇپ، A ۋە B زەنجىرلىرىگە تۇتاشتۇرغۇچى پېپتىد (C زەنجىر دېيىلىدۇ) ئارقىلىق تۇتاشقان بىر يەككە زەنجىر. كېيىن پروتېئىنازىنىڭ رولى بىلەن C زەنجىرنى چىقىرىۋېتىپ ئىنسۇلىنغا ئايلىنىدۇ. 1965 - يىلى مەملىكىتىمىزدە تۇنجى بولۇپ تولۇق بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە بولغان كالا ئىنسۇلىنى سۈنئىي سېنتىزلاپ چىقىلدى، بۇ سۈنئىي سىنتېزلانغان تۇنجى ئاقسىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئاساسلىق فىزىئولوگىيىلىك رولى گلۇكوزىنىڭ ھۈجەيرىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جىگەر ۋە مۇسكۇللارنىڭ گلىكوگېن سېنتېزلىشىنى ۋە قەنتتىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىش؛ گلۇكوزىنىڭ ماي توقۇلمىسىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ماينىڭ سىنتېزلىنىشى ۋە زاپاس ساقلىنىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش؛ گلىكوگېنلارنىڭ غەيرىي ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلاپ ئامىنو كىسلاتاسى ۋە گلىتسېرىن قاتارلىقلارنى گلۇكوزا ياكى گلىكوگېنغا ئايلىنالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق گلىكوگېن مەنبەسىنى ئازايتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ يەنە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئاقسىل سىنتېزىنى تېزلىتەلەيدۇ. شۇڭا ئىنسۇلىن قەنت، ماي ۋە ئاقسىللارنى تەڭشەيدىغان شۇنىڭدەك قان قەنتى سەۋىيىسىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم بىر گورمون ھېسابلىنىدۇ. نورمال ئادەمنىڭ ئەتىگەنكى ئاق قورساق ۋاقتىدا ھەر مىللىلېتىر ۋېنا قېنى تەركىبىدە 80 - 120 مىللىگرام گلۇكوزا بولىدۇ. ئوزۇقلانغاندىن كېيىن قان قەنتى مىقدارى ۋاقىتلىق يۇقىرىلايدۇ. بۇ چاغدا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ تۇرغاچقا قان قەنتى مىقدارى ۋاقىتلىق يۇقىرىلايدۇ. بۇ چاغدا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ تۇرغاچقا قان قەنتى سەۋىيىسى ئۇزۇن ئۆتمەيلا نورمال دائىرىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولمىسا قان قەنتى ئۆرلەيدۇ، داۋاملىق ئۆرلەپ 160 مىللىگرامغا يەتكەندە سۈيدۈك تەركىبىدە گلۇكوزا پەيدا بولىدۇ، بۇ ئەھۋال دىئابىت (قەنت سىيىش) كېسىلى دېيىلىدۇ. ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ بېرىش ئارقىلىق قان قەنتى سەۋىيىسىنىڭ نورماللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىش كۆپ بولۇپ كەتسە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىپ ماغدۇزسىزلىنىش، تەرلەش ھەتتا ھوشسىزلىنىش، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
خىمىيە,ئورمانچىلىق,تەنتەربىيە,تېببىي
yí dǎo sù
ئىنسۇلىنDئۇنىۋېرسال
yí dǎo sù
ئىنسۇلىن