Chinese→Uyghur主要词典
意大利战争
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە ئۇرۇشى
1494 - 1559 - يىللىرى فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىتالىيىنى تالىشىش ئۇرۇشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنىڭغا غەربىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىتالىيەنىڭ سىياسىتىگە قارىتا مۇداخىلىسى ۋە ئىتالىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىچىك بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلار ئارىلاشقان. ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى ئىتالىيە بولغان. 1494 - يىلى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅷ قوشۇن تارتىپ ئالپ تاغلىرىدىن ئېشىپ، جەنۇبىي ئىتالىيىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا نېئاپولنى ئىشغال قىلىۋالغان. ۋېنېتسىيە، مىلان، ئىسپانىيە، پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، فرانسىيىنى شۇ يىلىلا ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبور قىلغان. 1499 - يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅡ (1498 - 1515 - يىللىرى تەختتە) ئەسكەر چىقىرىپ مىلاننى ئىشغال قىلىۋالغان. 1501 - يىلى يەنە نېئاپولنى ئىشغال قىلىۋالغان. بىراق 1504 - يىلى ئىسپانىيە ئۇنى قايتۇرۇۋالغان. 1509 - يىلى لۇئى ⅩⅡ ۋېنېتسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل شىمالىي ئىتالىيىنى بېسىۋالغان. 1115 - يىلى پاپا، ئىسپانىيە، ۋېنېتسىيە، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى فرانسىيىگە قارشى يېڭى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى فرانسىيە قوشۇنىنى ئىتالىيىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارغان. 1515 - يىلى فرانسىيە كورۇلى فرانسىس Ⅰ مارىگنانو ئۇرۇشىدا مىلاندىكى شۋېتسارىيە ياللانما قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىلاننى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە شىمالىي ئىتالىيىنى ۋاقتىنچە تىزگىنلىگەن. ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس Ⅰ (1915 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولۇپ سايلانغاندا Ⅴ دەپ ئاتالغان) ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 1525 - يىلىدىكى پاۋىيا جېڭىدە فرانسىس Ⅰ نى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۇنى ئەسىر ئالغان. 1926 - يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، فرانسىيە ئىتالىيىنىڭ زېمىنىغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كەچكەن. لېكىن فرانسىس Ⅰ قويۇپ بېرىلىپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، كېلىشىمنى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1527 - 1529، 1536 - 1538 - ۋە 1542 - 1544 - يىللىرى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە توختىماي ئۇرۇش قىلىشقان. 1559 - يىلى تۈزۈلگەن <كاتوكەنبورىز سۈلھ شەرتنامىسى> غا ئاساسەن، فرانسىيە ئىتالىيىدە بېسىۋالغان كۆپ قىسىم زېمىنىدىن ۋاز كەچكەن، ئىسپانىيە بولسا ئىتاليە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. ئۇرۇش ئىتالىيە خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى غايەت زور چىقىمغا ئۇچراتقان