Chinese→Uyghur主要词典
伊达尔戈
دۇنيا تارىخى
ھىدالگو
(1) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى قاتلىمى. Ⅺ ۋە ⅡⅩ ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن. ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم ھەربىي كۈچى بولغان. ⅤⅩ ئەسىردە قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى تاماملانغاندىن كېيىن، تىرىكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، بارغانسېرى نامراتلىشىپ كەتكەن. ⅥⅩ ئەسىردە ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكە قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ⅦⅩ ئەسىردە زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. (2) مىگۇئېل ھىدالگو (1753 - 1811) مېكسىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ داھىيىسى. مىللىي قەھرىمان. سان نىكولاس ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە ئۇقۇتقۇچى بولغان ھەمدە بىر مەزگىل ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. فرانسىيە ئاقارتىش ئىنستىتۇتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن مەخپىي شۇغۇللانغان. 1810 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئوتتۇرا قىسىمدىكى گوئاناخۇ ئاتو شتاتى دولورېس يېزىسىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ، تارىختا <دولورېس ساداسى> دېيىلگەن. قوزغىلاڭچىلار مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، ئىندىئانلارنىڭ ئولپان تاپشۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىندىئانلارنىڭ يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنداقلا تېزلىك بىلەن 80 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئارقا - ئارقىدىن بەزى شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن. 1881 - يىل 1 - ئايدا گۋادالا خارانىڭ يېنىدىكى شىددەتلىك جەڭدە يېڭىلىپ، چېكىنىش يولىدا، بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ ئەسىر چۈشۈپ قېلىپ، 7 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
yī dá ěr gē
خىدالگو