Chinese→Uyghur主要词典
义兵运动
دۇنيا تارىخى
پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى
چاۋشيەن خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرەش، چاۋشىيەندە چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسى پىدائىي ئەسكەرلەر ياكى پىدائىي قوشۇن دەپ ئاتالغان. 1894-يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسىدىكىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ ياپونىيىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەن. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، چاۋشىيەن ياپونىيە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. بۇ ھال خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. سىئول شەھىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەلەپ قويۇش، نامايىش قىلىش، ئىش تاشلاش ۋە بازارنى توختىتىشقا ئوخشاش ياپونغا قارشى ھەرىكەتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلغان. 1906-يىلى سابىق دادخاھ مىن زۇڭجى بەش يۈز پىدائىي ئەسكەرنى باشلاپ ھەممىدىن ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇڭچىڭ ئۆلكىسىدىكى خۇڭجۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ئاندىن پېشقەدەم ئۆلىما سۈي يىشۈەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن لىن بىڭزەن قاتارلىق كىشىلەر چۈەنلۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيرىن دېگەن يېرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1907-يىلى ياپونىيە گاۋزۇڭنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان، <|كورىيە - ياپونىيە توختامى> يەنى <دېڭۋېي يىلىدىكى يەتتە ماددىلىق شەرتنامە>( نى ئىمزالاپ، چاۋشيەننى ئارمىيىنى تارقىتىۋېتىشكە زورلىغان چاغدا، نۇرغۇن ئەسكەرلەر قورال تاشلاشنى رەت قىلغان. ئۇلار قورال - ياراقلارنى قولىغا ئېلىپ، ياپون قوشۇنىغا قارشى كۈرەش قىلغان. ياپونىيىگە قارشى پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى كۈندىن - كۈنگە كېڭىيىپ پۈتۈن مەملىكەتنى قالاپ كەتكەن. 1907 - يىلى 12 - ئايدا <13 ئۆلكىدىكى پىدائىي ئەسكەرلەرنىڭ باش قوماندانى> بولغان لى لىنرۇڭ باشچىلىقىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك قوراللىق قىسىم تەشكىللەنگەن ھەمدە ئۇلار سىئول شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ياپونىيە قوشۇنىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1907 - 1910 - يىللاردا ھەممىلا يەردە ياپونىيىنىڭ مۇئەسسەسەلىرى بۇزۇپ تاشلانغان. ۋەتەن ساتقۇچ بيۇروكراتلار يوقىتىلغان. پىدائىي ئەسكەرلەرنىڭ كۈچى قۇدرەت تاپقان رايونلاردا ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمران ئورگىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. پىدائىي ئەسكەرلەر ئاساسەن دېھقانلاردىن تەركىب تاپقانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ رەھبەرلىرى كونا ھەربىيلەر، بيۇروكراتلار، ئۆلىمالار ۋە دېھقانلاردىن تەركىب تاپقانلىقى ھەم ئېنىق سىياسىي پروگراممىسى ۋە قاتتىق تەشكىلچانلىقى بولمىغانلىقتىن، ئاخىر ياپونىيە جاھانگىرلىكى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇشى ئاستىدا مەغلۇپ بولغان.