Chinese→Uyghur主要词典
伊本.易司哈格
دۇنيا تارىخى
ئىبنى ئىسھاق
(704 - 768) ئەرەب تارىخشۇناسى. مەدىنىدە تۇغۇلغان. ئىراقلىق. مىلادى 733 - يىلى مىسىرغا كۆچۈپ كەلگەن. 749 - يىلىدىن باشلاپ ئىراقتا تۇرغان، باغدادتا ئۆلگەن. ئۇ يازغان <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى> مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئۇ مەزمومى مول، ئاساسلىقى دىنىي رىۋايەت ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان، كېيىن مىسىرلىق ئىبنى ھىسام (تەخمىنەن 834 - يىلى قاھىرەدە قازا قىلغان) نىڭ تۈزىتىشىدىن ئۆتكەن؛ بۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىسلام دىنى تارىخى توغرىسىدا بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.