Chinese→Uyghur主要词典
伊奥利亚人
دۇنيا تارىخى
ئېئولېسلار
قەدىمكى يۇنان ئاھلىلىرىنىڭ بىرى خىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دەسلەپتە يۇناننىڭ شىمالىدىكى تېسسالىيىدىكى پېنېئوس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاكاييالىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. مىلادىدىن 2000 يىلى ئىلگىرىكى مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېگېي دېڭىزى تەرەپكە كۆچۈش جەريانىدا ئالدى بىلەن فراكىيە ۋە ھېللېسپونت (گرانىك دەرياسى بويى)قا كۆچۈپ، ئارقىدىن جەنۇبقا بېىپ، لېسبوس ئارىلى ۋە ئۇنىڭ قارشى قىرغىقى (كىچىك ئاسىيا) دىكى كۇمېنى ئىگىلەپ، ئاخىرى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدا بىر تۈركۈم ئېئولېسلار شەھەرلىرىنى قۇرۇپ چىققان؛ شۇڭا بۇ رايونلارمۇ ئېئولېس دەپ ئاتالغان. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمال دېڭىز بويى رايونلىرىدىن باشقا يۇناننىڭ شىمالىدىكى تىسسالىيە، ئوتتۇرا قىسىمدىكى بېئوتىيە ۋە جەنۇبىدىكى ئاركادىيىگە ئوخشىشىپ كېتىدىنغا دىئالېكتتا سۆزلىشىدىغان ئېئولېسلار تارقاق ئورۇنلاشقان.