Uyghur主要词典
ئېگىز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قوشكېزەك، ئىككىكېزەك، بىرلا قېتىمدا ئارقا - ئارقىدىن تۇغۇلغان ئىككى كىچىك جانلىق (بوۋاق، قوزا قاتارلىقلار).
يۈزۈڭ قۇياشمىكىن، يا قۇياش يۈزۈڭمىكىن،
كى قايسى ئىكەن، پەرق ئەمەس، نېچۈككى ئېگىز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
يۇقىرى، ئۈستۈن.
ئانتونىمى: پەس، پاكار. ئېگىز يەر، ئېگىزلىك.* ئېگىز تاغ، ئېگىز تام. * ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرمەك.* پەرۋىش قىلمساڭ، دەرەخمۇ ئېگىز ئۆسمەس (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكشىلىكتىن يۇقىرىغا بولغان ئارىلىق، ئانتونىمى؛ <پەس>.
ئېگىزگە ئۇچساڭ، ئاۋايلاپ قون. بىيىك تاغدا ئۇلار بار. ئۇلاردا قۇۋۋەت بار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بويى، جۇغى ئېگىز.
پاكار، پاكىنەك، پەتەك، پىستە، پارپا، جەدىۋار
بويى، جۇغى پەس.
ئۇزۇنتۇرانىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە پاكىنەكنىڭ جېنى چىقىپتۇ. دارازا دارغا چىقالماس. پەتەك داگازىدىن كۈلۈپتۇ. شادا پاچاقنىڭ پاچىقى ئاسان سۇنار. ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. دوزاخ شوتىسى ئەپ بىلەن ماڭمىسا، ئاسان يىقىلىدۇ، قېرىغاندا دۈمچىيىدۇ. پارپا ئىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. پىستە ئىت ئۆلگۈچە كۈچۈك. جەدىۋار سۆزگە ئۇستا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىر نۇقتا، جاي، تەكشىلىك قاتارلىقلارغا نىسبەتەن يۇقىرى.
ئېگىز ئادەم، ئېگىز تاغ، ئېگىز تام.
يۇقىرى، كۈچلۈك.
ئېگىز ئاۋاز