Uyghur主要词典
ئېگىلمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تەزىم قىلماق، ئېڭىشمەك، ئېگىلمەك؛ ئەپۇ سورىماق:
كىچىك - چوڭ بارىسى قىلۇرلار سۇجۇد،
كىرىپ بىرلە سەن ھەم ئېگىل ئاندا زۇد.
ئا.نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈز نەرسە قايرىلماق.
چىۋىق تۇتقان يېرىدىن سۇنمايدۇ، ئېگىلگەن يېرىدىن سۇنىدۇ. مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئاڭا تىرەك قويىدۇ. ئىگىلگەن شاخ - مېۋىسى كۆپ شاخ. ئەلگە ئېگىلگەن ياۋغا ئېگىلمەيدۇ. خۇشامەتتىن تىزىڭ پۈكۈلمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئەگمەك> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئىشىك ئىلغۇچى ئېگىلگەنىدى.
<ئەگمەك> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
جارۇللا ئىمامنىڭ كېلىنى ھەلىمىخان ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىپ قېينانىسىغا ئېگىلىپ سالام بەردى.