Uyghur主要词典
ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان تۈركىيە خەلقىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرى تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى. 1918 - يىلى تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سودا بۇرژۇئازىيىسىنى يادرو قىلغان، ھەرقايسى تەبىقە ئاممىسى قاتناشقان ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى - ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتىنى قۇرغان، 1919 - يىلى 7، 9 - ئايلاردا مۇستافا كامال مەملىكەت ئىچىدە جەمئىيەت ۋەكىللىرى يىغىنى چاقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇراجىئەت چىقىرىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇداخىلىگە قارشى تۇرۇش، ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش ھەمدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپىنى تەكىتلىگەن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتلىك بىرلىككە كەلگەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1923 - مۇستافا كامال بۇ تەشكىلات ئاساسىدا <خەلق پارتىيىسى> نى قۇرۇپ چىققان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。