Uyghur主要词典
ئىغۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنى قارىلاش مەقسىتىدە ئويدۇرۇپ چىقىلغان يالغان - ياۋىداق سۆز.
پىتنە زەھەردىن بەتتەر. پىتنە بىلەن پاسات قۇچاقلىشىپ كېلەر. ئىغۋاغا ئىشەنمەك - ئۆزىنى يوقاتماق. بۇلغاق ھەممىنى بۇلغايدۇ. پىتنە - ئەڭگىزگە قېلىش پىچاق يېيىشتىن يامان. ئادەملەرنىڭ پىسقى - پاساتلىرىغا قوشۇلما. كۆپ يامغۇر يەرنى بۇزار، پىسقى - پۇچۇر ئەرنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئويدۇرما، يالغان - ياۋىداق سۆز.
پاكىت
رېئال ئىش - ھەرىكەت.
پاكىت بەس - مۇنازىرىدىن ئۈستۈن. مىڭ مۆلچەردىن بىر پاكىت ئەلا. ئىغۋانىڭ ئۆمرى كوتا. پىتنىڭ پۇتى ئۇزۇن. ئەپقاچتى گەپتە يۈگەن يوق. بەتلەكلىك مىلتىقتىن سەسكەنگۈچە، پىتنە - پاساتتىن سەسكەن. پىتنە بىلەن پاسات قۇچاقلىشىپ يۈرەر. تالانىڭ گېپى بىلەن ئۆيىمىز بۇزۇلغىلى تاس قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئارىنى بۇزۇش، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان يالغان گەپ - سۆز، ئويدۇرما، بوھتان ۋە شۇ قاتارلىقلار.
ئىغۋا تارقاتماق. ئىغۋا توقىماق.
بۇ ئادالەتسىز ئىش، پەسكەشلىك بىلەن ئويدۇرۇلغان ئىغۋا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېيتقۇسىز ئازابلايتتى.