Uyghur主要词典
ئېغىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈرۈش - تۇرۇش، خۇي - پەيلى تۇتاملىق ۋە تۇراقلىق.
تەمكىن پىل پەللىگە ھودۇققان ئاتتىن بۇرۇن بارىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى ۋەزمىن ۋە خۇشال تۇتۇڭ، سالماق بولساڭ، زەخمەت چەكمەيسەن. ئېغىر - بېسىق بولار. ئېغىر - بېسىق بولساڭ، ھۆرمەت تاپىسەن. ئۆزىنى توختاتقان ھەرقاچان غالىب.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلىقى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئاۋاز ئاڭلىيالمايدىغان، ئاڭلاش سېزىمى گال.
«پاڭقاي» نىڭ «گاسلىقى» ئەقىل ئاجىزلىقىدىن.
گاس ئىككى كۈلىدۇ. پاڭ بىلەن ئورتاق بولدۇم، گەپ ئاڭلىتالماي پورداق بولدۇم. ساغرۇ قۇلاق بىلەن بىر يەرگە بېرىشتىن خۇدا ساقلىسۇن، پاڭقاي كىنو كۆرۈپتۇ، سۈرەتتىن باشقا ھېچنېمە ئاڭلانماپتۇ. كۈنىگە بىر يېڭىلىق ئاڭلىمىغاننىڭ قۇلىقى ئېغىر. قۇلىقىم ئېغىر، قاتتىقراق سۆزلەڭ - دېدى بوۋاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ماسسىسى، ۋەزنى چوڭ.
ئېغىر يۈك ئارتىلغان ئات - ئۇلاغلار چىغىر يولدا ئاران كېتىۋاتاتتى.
سۈپ. كۆپ كۈچ، مېھنەت، بىلىم تەلەپ قىلىدىغان، قىيىن، تەس.
ۋەزىپىسى ئېغىر. خىزمىتى ئېغىر.
سۈپ. كۆچمە. ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىدىغان، سالماق.
ئوغلۇم ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، ئېغىر بول.
سۈپ. كۆچمە. يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان، خەۋپلىك، خەتەرلىك.
جاراھىتى ئېغىر.
ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىر ئىكەن.
سۈپ. كۆچمە. كەچۈرگۈسىز، ئادەتتىن تاشقىرى.
- سەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
سۈپ. كۆچمە. كۈن كەچۈرۈش تەس بولغان، مۇشەققەتلىك، ئازابلىق.
ئېغىر ئەھۋالدا قالماق.
سۈپ. كۆچمە. دەردلىك، ھەسرەتلىك.
ئۇ يولغان چىقىپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتتى.
سۈپ. كۆچمە. بەرداشلىق بېرىش تەس بولغان.
ئېغىر ئەلەم. ئېغىر كۈلپەت.
سۈپ. كۆچمە. كۆپ، جىق، زور.
بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر (ماقال).
بۇ ئۆيلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بوپتۇ.
سۈپ. كۆچمە. كۈچلۈك.
بۇ ئەلدە ئىرقچىلىق ئېغىر بولغاچقا <غەيرىي ئىرقتىن كېلىپ چىققان> دەپ بۇ ئايالنى بىرەر ئەر ئالمىغان.
سۈپ. كۆچمە. يېڭىش قىيىن، تەس بولغان.
- يوشۇرمىسىلا، جانابلىرى بۈگۈن ئېغىر بىر ھالەتتىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىلا، - دېدى مۇسەپپا ھەزرەت كۈلۈپ تۇرۇپ.
سۈپ. كۆچمە. ئاڭلىمايدىغان.
قۇلىقى ئېغىر.
سۈپ. كۆچمە. قوبۇل قىلىش تەس بولغان.
- دادا كۆڭۈللىرىنى چۈشىنىمەن، بۇنداق قىلىش سىلىگە ئېغىر تۇيۇلىدۇ.
بۇ ئايرىلىشنىڭ ھەر ئىككىلىمىزگە قانچىلىك ئېغىر تۇيۇلغانلىقى ئېسىڭىزدە باردۇر.
سۈپ. كۆچمە. بەزى سۆزلەر ئىپادىلىگەن ھالەت دەرىجىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ ئازغىنە پاراڭلىشىشتىن كېيىن يەنە خېلى ئۇزۇنغىچە ئېغىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
سۈپ. كۆچمە. جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان، قاتتىق.
ئېغىر سىناق.
رەۋ. تەس، ئاران.
ئۇ ئوغلىنىڭ كەينىدىن ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ، قەدەملىرىنى ئېغىر يۆتكەپ ئاستا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.