ئىگە-چاقىسىز[يەشمىسى:] ① ئىگە-چاقىسى، يۆلەنچۈكى يوق:[مىسال:] ئىگە-چاقىسىز بالا. ئىگە-چاقىسىز بوۋاي. * شۇنىڭ بىلەن ئىگە-چاقىسىز قالغان تاشۋاي دادىسىدىن قالغان چولاق راۋابىنى چېلىپ، ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② ئىگىسى يوق، تاشلاندۇق:[مىسال:] ئىگە-چاقىسىز ئۆي.