Uyghur←Chinese主要词典
ئېفېمېرىدالار ئەترىتى
بىئولوگىيە
蜉蝣目
fúyóumù
ھاشارات سىنىپىدىكى بىر ئەترەت، بۇ ئەترەتتىكى ھاشاراتلار ئادەتتە <لەيلىگەك> (لەيلەمچۈك) دەپ ئاتىلىدۇ ئۇلار كىچىك، ئوتتۇرا تىپتىكى ھاشارات بولۇپ، تېنى ئاجىزراق، ئىنچىكە، باش قىسمى كىچىك، لېكىن خېلى تەرەققىي قىلغان مۇرەككەپ كۆزى بولىدۇ. قانىتى ئىككى جۈپ، تۈرۈلگەن، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، كۆپىنچە ئالدى قانىتى چوڭ، كەينى قانىتى بەكمۇ كىچىك، كەينى قانىتىنىڭ چۈرۈك پەردىسى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەنلىرىمۇ بار. پۇتى ئىنچىكە ئاجىز بولۇپ، پەقەت يامىشىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ. قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا ئىنچىكە ھەم بوغۇملارغا بۆلۈنگەن بىر جۈپ يىپسىمان قۇيرۇق بۇرۇتچىسى، بەزىلىرىنىڭ يەنە بىر تال ئوتتۇرا قۇيرۇق يىپچىسى بولىدۇ. ھالىتىنى تولۇق ئۆزگەرتەلمەيدۇ. نىمفا قۇرتى سۇدا ياشايدۇ. ئادەتتە 1 - 3 يىل، ھەتتا 5 - 6 يىلدا 20 - 24 قېتىم تېرە تاشلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن يېتىلەلەيدۇ. يېتىلگەن قۇرت ئوزۇقلانمايدۇ. ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، قىسقىلىرىنىڭ نەچچە سائەت، ئۇزۇنلىرىنىڭ يەتتە كۈنگە يېتىدۇ. ئادەتتە 1 - 2 كۈندىلا سەھەردە دۇنياغا كېلىپ كەچتە ئۆلگەندەك ئۆمرى ئاخىرلىشىدۇ. يېتىلگەن قۇرتلارنىڭ قانات چىقىرىپ پەرۋاز قىلىش مەزگىلى كۆپىنچە ماي ئېيىدا بولۇپ، دائىم كۈن پاتقاندىن كېيىن توپ - توپ بولۇپ چىراغلارغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ئۆلۈپ يەر ئۈستىنى قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ ئەترەتتىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئۇلاردىن ھازىرغىچە مەلۇم بولغانلىرى 1300 تۈرگە يېتىلىدۇ.