Uyghur主要词典
ئەزىمەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كاتتا.
قەست، نىيەت، جەزم؛ ئىنتىلىش:
يۆنىلىش؛ سەپەرگە مېڭىش.
2. تۇت ئەي ساقىي ئىچمەك ئەزىمەت قىلاي،
چۇ شامى تىرىكلىك غەنىيمەت قىلاي.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر يەرگە بېرىشنى نىيەت قىلىپ يولغا چىقماق، سەپەرگە چىقماق، يولغا چىقماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاۋۇل ۋە قەيسەر ئەر كىشى.
«خوخەنزە» خەنزۇچە: 好汉子
ئەردىن ئەرگە نەپ. ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم پاتىدۇ. ئەل بار يەردە ئەر بار. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. ئەزىمەت ئەمگەك ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ. ئەزىمەتنىڭ سۆزى _ پولاتنىڭ ئۆزى. ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرىدۇ. يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن. تۇتۇنسىز ئوت يوق، نۇقسانسىز يىگىت. يامۇلنىڭ ياغاچلىرى ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلدىن قېچىپ چىققان سادىر ئۆزى خوخەنزە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. كاتتا، بۈيۈك، زور.
ئىلىخو … ئىلىخو … ئەزىمەت شەھەر، تاغلاردىن قوش قانات ئاچقان ئىشىكسەن، باغرىڭدىن باتۇرلۇق ئوغۇزىنى ئېمىپ، پالۋانلار ئويغانغان ئالتۇن بۆشۈكسەن.
سۈپ. ھەر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەتلىك، قۇدرەتلىك، مەرد.
كۆردۈڭلارمۇ بۇ ئەزىمەتنى، ئۇ يالغۇز ئەمەلدارلىق قىلىشنىلا ئەمەس يەنە تراكتور ھەيدەشنىمۇ بىلىدىكەن، يېزا كادىرى دېگەن شۇنداق بولسۇن - دە!
سۈپ. مەرد، باتۇر، پالۋان، قەيسەر.
دوستۇم كامال. گەپ قىلساڭچۇ، سەن باتۇر - ئەزىمەت ئىدىڭغۇ!
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە، پارىسچە
مۇستەھكەم ئىرادە، نىيەت؛ كۈچ- قۇۋەت؛ ئۇلۇغلۇق، ئۇلۇغۋارلىق