Chinese→Uyghur主要词典
叶兹底格德三世
دۇنيا تارىخى
يېزدگېرد Ⅲ
(؟ - 651) <يەزدگېرد> دەپمۇ ئېلىنىدۇ. ئىران ساسانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى (632 - 651). <يېڭى تاڭنامە> دە يى سىچى (俟伊嗣)دەپ ئاتالغان. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا ساسانىيلار خاندانلىقى ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. مىلادى 637 - يىلى، ئىران قوشۇنلىرى كادىسىيە ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر تەرىپىدىن يېڭىلگەن. ئارقىدىنلا پايتەىتى كېتسفون قولدىن كەتكەن، تەخمىنەن 642 - يىلى، ئىران قوشۇنلىرى نىھاۋەند ئۇرۇشىدا يەنە يېڭىلىپ پۈتكۈل ئىران زېمىنى ئەرەبلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. يېزدگېرد Ⅲ شەرققە قاچقان. 651 - يىلى كۈزدە، مەرۋى شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن.