Chinese→Uyghur主要词典
椰子
ئورمانچىلىق
yē zi
كوكوس دەرىخىDئۇنىۋېرسال
yē zi
كوكۇس؛ كوكۇس پالمىسى
كوكۇس ياڭىقى
Dدېھقانچىلىق
yē zi
كوكۇسDيېزا ئىگىلىك
yē zi
كوكۇسDئۆسۈملۈك
yē zi
نارجىل، كوكۇس، كوكۇس پالمىسى
بىئولوگىيە
كوكوس پالمىسى
پالما ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى پەيسىمان تولۇق يېرىلىدۇ، چوڭ، يېرىقچە يوپۇرمىقى يىپسىمان تۆمۈنە شەكىللىك، تۈۋى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىرتىغا قايرىلىدۇ. گۆشلەشكەن باشاقسىمان گۈل رېتى قولتۇقتا ئۆسىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ ئاتىلىق گۈلى شاخنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. ئانىلىق گۈلى شاخنىڭ تۈۋىدە تارقىلىپ ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭ ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى قېلىن، ياغاچلاشقان، قولۋاقسىمان بولىدۇ. قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك ياكى شارسىمان بولىدۇ، ئوتتۇرا مېۋە پوستى قېلىن ھەم تالالىشىدۇ، ئىچكى مېۋە پوستى سۆڭەكلىشىدۇ، تۈۋىگە يېقىن قىسمىدا بىخلىنىش تۆشۈكى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇرۇقى نېپىز بولۇپ، ئاق رەڭلىك مۇستەھكەم تۆرەلمە سۈتى (پالما گۆشى) گە يېپىشىپ تۇرىدۇ، تۆرەلمە سۈتى ئىچىدە بىر شىرنە تولۇپ تۇرغان بوشلۇق بولىدۇ. ئۇ ئىسسىق بەلباغدا ئۆسىدۇ. ئۇ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن ۋە تەيۋەندە ئۆستۈرۈلىدۇ. يوپۇرمىقىدا ئۆي ياپقىلى، يەلپۈگۈچ ۋە سېلىنچا ياسىغىلى بولىدۇ. مېۋىسى ئىسسىق بەلباغنىڭ ئەتىۋارلىق مېۋىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ پالما گۆشىدىن ماي تارتىلىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ياسىلىدۇ، مېۋە پوست مېيى نېرۋە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ. كوكوس پالمىسى جەنۇبىي جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى قوغدىنىش ئورمىنىدىكى ئەلا سۈپەتلىك دەرەخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.