Uyghur主要词典
ئەزگۈ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر جەھەتتىن تولۇق، ساق، ئۈستۈن ھالەت.
<ئەۋزەل>، <ئەلا>، <ساز>، <خوپ> لار ئادەمنى سۈپەتلەپ كەلمەيدۇ.
ياخشى ئېشىنى يەر، يامان بېشىنى يەر. ياخشى نەدە بولسا ياخشى. سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق، نان ياخشى. ھالال ئىشلەپ تاپساڭ ئەگەر ئارپا نان، خەقنىڭ ئاق نېنىنى يېگەندىن ئوبدان. كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، مەنسەپ تۇتقاندىن، ئۆز ئەركىگە ئىگە پۇقرا بولغان دۇرۇس. ئۆزىگە يارىشار ئەخمەقنىڭ چۈشى، نە بىر قىممىتى بار، نە تۈزۈك ئىشى. كىمنىڭ ئەگەر بەلەن بولسا ھىممىتى، كونا كىيىمىدىمۇ چوڭدۇر ئىززىتى. ئېيتىلغان سۆزدىن ئېيتىلمىغان سۆز ئەۋزەل. ۋاقىت ھەممىدىن ئەلا. بۈگۈنكى تۇخۇم ئەتىكى توخۇدىن ئەلا. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن. ئېسىل دوست يىراقلاشماس. مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى. بوراندا ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنگىنىڭ خوپ، يامغۇردا ئۆز ئۆتۈكۈڭنى كىيگىنىڭ خوپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان، ئارتۇقچىلىقى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، سۈپەتلىك.
يامان ، ئوسال، ناچار، ئەسكى ، قەبىھ، ياۋۇز
سەلبىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلمايدىغان، كەمچىلىكى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە توشمايدىغان، سۈپەتسىز.
بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ. ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا. ياخشى ئاتاق بىر قامچا، يامان ئاتقا يۈز قامچا. ئوبدان باولساڭ ئالىدۇ، ئوسال بولساڭ ئاسىدۇ. ئېسىل نەرسىنىڭ قاچىدا يۇقى قالار. قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى. ناچار ئادەم تۆرۈڭدە ياتا،، تۆرۈڭدىن چۈشسە، ئەيىبىڭنى ئاچار. ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى. ئېسىل سۆز ئالماسنى كېسەر. ئوبدان بولسا، ئۆزۈڭگە بالا، ناچار بولسا، بېشىڭغا بالا. ئاسماندىكى ساردىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ئەلا. يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. قىڭغىر دەرەخنىڭ قۇرۇغىنى ئەۋزەل. بۇزۇق ئادەمنىڭ ئۆلگىنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسىملاشقان: ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى ئوبدان، ياخشىلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
يامان ، ئەسكى ، ياۋۇز
ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى بۇزۇق، يامانلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
ياخشىنى يامان بۇزىدۇ. ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم. ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان سۆز ئۈستىگە. ياخشى ئاز، يامان كۆپ، بۇغداي ئاز، سامان كۆپ. ئەسكىنى ئالداپ ئىشلەت، تاسمىنى مايلاپ. ياخشىدا تۇرمىغان خوتۇن ئەسكىدە تۇرار. ئەزگۈ ئەزگۈلۈك قىلار، ياۋۇز ياۋۇزلۇق. ياۋۇزنىڭ يولدىشى كۆپ، ياخشىنىڭ كۈندىشى. ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول؛ قارىمۇقنىڭ دانىسى بولغۇچە، بۇغداينىڭ سامىنى بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەزگۈ، ياخشى.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قوشنى قونۇم ئوغۇشقا
قىلغىل ئاڭار ئاغىرلىق
ئارتۇت ئالىپ ئانۇنغىل
ئەزگۈ تاۋار ئوغۇرلۇق
{قۇلۇم - خوشنا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا
ھۆرمەت قىلغىن،
سوۋغات ئالساڭ (جاۋابەن)،
ۋاقتىدا قىممەتلىك مال تەييارلىغىن.}
ئۇرۇق - تۇغقان، قۇلۇم - خوشنىلارغا ياخشىلىق قىل، ئۇلارنى ھۆرمەتلە؛ ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ، تېخىمۇ قىممەتلىك سوۋغا تەييارلا.
1 - 154
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەزگۈ، ياخشى،چىرايلىق.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلسە كىشى ئاتما ئاڭار ئۆرتەر كۈلە
باققىل ئاڭار ئەزگۈلۈكۈن ئاغزىن كۈلە
{(ساڭا بىر) كىشى كەلسە، ئۇنىڭ (يۈزى) غا ئۆرتەيدىغان
كۈل چاچما، ئۇنىڭغا ياخشىلىق بىلەن كۈلۈپ قارا.}
ساڭا بىر كىشى كۈلۈمسىرەپ كەلسە، ئۇنىڭ يۈزىگە ئىسسىق كۈل چاچما، ئۇنى ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى كۈتۈۋال.
1 - 174
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ياخشى، خەيرلىك، ساۋابلىق،
چىقماي نەئۈچۈن قۇچقىلى باغرىمنى ئېچىپ، ئۆمرۈمگە مېنىڭ ئەزگۈ شەرەپ - شان كېلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ياخشى، ئېسل، پەزىلەتلىك. <ئەدگۈ> گە قاراڭ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(قەدىمكى ئۇيغۇرچە)
ياخشى، ئېسىل، پەزىلەتلىك كىشى.