Uyghur主要词典
ئەڭ ئۇزۇن ھامىلىدارلىق مۇددىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان ھامىلىدار بولغاندىن تارتىپ يەڭگىگىچە بولغان ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ مۇددەتنى ھەنەفىيە ئىككى يىل، شافىئىييە ۋە ھەنبەلىيە تۆت يىل، مالىكىيە تۆت يىل ياكى بەش يىل قىلىپ بېكىتكەن. مۇشۇ مۇددەتلەردە تۇغۇلغان پەرزەنتلەر ھالال پەرزەنت ھېسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى شەرىئەت تەرىپىدىن قوغدالغان. ھازىرقى زامان شەرىئىتىدە بۇ مۇددەت بىر يىلغا ئۆزگەرتىلدى.