Uyghur主要词典
ئەخمەق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كاللىسى ياخشى ئىشلىمەيدىغان، قىلىقلىرى ئەسكى.
«شەلىگا» قۇمۇل شېۋىسىدە، قوللىنىلىدۇ.
«كولدۇر» ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كۆپ ياشىغان ئەخمەقتىن يېنىپ ئۆچكەن چاقماق ياخشى. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى. ئەخمەققە توقماق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. ئەخمەق دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى. ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ئۆزى توختايدۇ. ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلكىسى كېلۇر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم ساھەسىدە كەمتۈك، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
ئاقىل، ئالىم، دانا، دانىشمە
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم، ئەدەب - ئەخلاق ساھەسىدە يېتىشكەن.
ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئاقىل ئەل غېمىدە، نادان گال غېمىدە. ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك، ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك. دانالار سۆزى - ئەقىلنىڭ كۆزى. دانانىڭ قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىقنىڭ دەردىنى ساق. ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشمەننىڭ كۈندىشى كۆپ. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى. ئەخمەق دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئەقىل ئىشلەتمەيدىغان، نادان، ھاماقەت، ئەقىلسىز.
ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق (ماقال)