Uyghur←Chinese主要词典
ئەخمەد شاھ دۇررانى
دۇنيا تارىخى
阿赫穆.沙赫.沙赫.杜兰尼
ā hè mù .shā hè .shā hè .dù lán ní
(2417 - 1773) ئافغانىستان سادوزاي خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى ۋە پادىشاھى (1747 - 1773). ئۇ ئەسلىدە قەندىھاردىكى ئابدالى (كېيىن دۇررانى 】 <مەرۋايىت ئىچىدىكى مەرۋايىت> دېگەن مەنىدە【 غا ئۆزگەرتىلگەن) قەبىلىسى سادوزاي ئۇرۇقداشلىقىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان قەبىلە باشلىقى ئىدى. ياش ۋاقتىدا پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. كېيىن پېرسىيە پادىشاھى نادىر شاھ ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، خىزمەت كۆرسەتكەچكە ئابدالى قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1747-يىلى نادىرشاھ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، پېرسىيىدە ئىچكى قالايمىقانچلىق بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر باشلاپ پېرسىيىنىڭ قولىدىن قەندىھارنى قايتۇرۇۋالغان، شۇ يەردىكى قەبىلە باشلىقلىرى تەرىپىدىن پادىشاھلىققا سايلىنىپ، قەندىھارنى پايتەخت قىلىپ، سادوزاي خاندانلىقىنى قۇرغان. كېيىن ئەسكەر باشلاپ پېرسىيە ۋە ھىندىستان تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1751-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ھىندىستانغا (1748 - 1757) تۆت قېتىم بېسىپ كىرگەن، پېرسىيىگە (1750 - 1751) ئىككى قېتىم بېسىپ كىرگەن. 1761-يىلى ۋە 1762-يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ماراتلار ۋە شىكلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق دۆلىتىگە دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سېلىپ بەرگەن