Uyghur←Chinese主要词典
ئەخلاقىي ھېسسىيات
پسىخولوگىيە
道德感
dào dé gǎn
ئىجتىمائىي ئەخلاقىي مىزان ياكى پرىنسىپلارنى ئادا قىلىش ياكى بۇزۇش ئارقىسىدا كىشىدە تۇغۇلغان ھېسسىياتتۇر. بۇ ئەخلاقىي بىلىشنىڭ بىر خىل كونكرېت ئىپادىسىدۇر. ئەخلاقىىي ھېسسىيات كىشىلەرنىڭ بىلىشى، ئېتىقادلىرى، دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ ۋە ئۇلغىيىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى، غورۇر ھېسسىياتى، كوللېكتىۋىزملىق ھېسسىياتى، دوستلۇق ھېسسىياتى، بۇرۇچ ھېسسىياتى، مەسئۇلىيەت ھېسسىياتى، شەرەپ ھېسسىياتى شۇنىڭدەك سىنىپىي ھېسسىياتلار ئەخلاقىي ھېسسىياتتۇر.
ئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
道德情感
dào dé qíng gǎn