Uyghur主要词典
ئەۋازائىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەھلى فىقھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅷ ئەسىردە سۈرىيىلىك ئۆلىما ئەل ئەۋازائى (707 - 773) بەرپا قىلغان. سۈرىيە فىقھە تەلىماتچىلىقىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ ئېقىم بەرپا قىلىنغاندا فىقھە تەلىماتىنىڭ سىستېمىلىشىشى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن سىستېمىلىق نەزەرىيە ۋە قاتتىق ئۆلچەم شەكىللەنمىگەن. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ۋە تەلىماتى دەسلەپكى چاغلاردىكى فىقھە ئەنئەنىسىنى ئىپادىلىگەن. ئەھكام ئىجتىھاتىدا فەقىھلەرنىڭ شەخسىي پىكرىگە ئەھمىيەت بەردى. لېكىن، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش سەۋىيىسى تۆۋەن بولدى. يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى تومتاقلا <پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى> دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئەھكام چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلدى. ھەدىس ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىسنادقا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشمىدى. فىقھە ئىدىيىسى شۇ زاماندىكى فەقىھ ئەبۇ ھەنىفەدنىڭكى ئىدىيىسى بىلەن يېقىنلاشتى. لېكىن، فىقھە تەلىماتى غازات ئەھكامنى ئاساس قىلدى. باشقا ساھالەرگە كۆپ چېتىلمىدى. بۇ ئېقىم مەغرىبتە ۋە ئاندالۇتسىيىدە بىر مەھەل كەڭ تارقالدى. لېكىن، ئۇنىڭدىن فىقھە ئەسەرلىرى قالمىدى. بۇ ئېقىمنىڭ فىقھە ئەنئەنىسىنى مالىكنىڭ <ئەل مۇۋاتتەئ> (<ھەدىس توپلىمى>)، <تارىخ ئەل تەبەرى> قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللاردىن بىلگىلى بولىدۇ.