Uyghur主要词典
ئەترەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئادەم ۋە نەرسىلەر توپى.
جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتى. مۇزىكا ئەترىتى. ئىشلەپچىقىرىش دۈيى. تەشۋىقات دۈيى. ۋالىبول كوماندىسى. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ھايۋانات باغچىسىدا مايمۇنلاردىن بىر پۇتبول كوماندىسى تەشكىل قىلىنغان. ئاپتوموبىل كالوننىسى يولغا چىقتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ھەربىي گۇرۇپپا.
بىز بەشىمىز رەتلىك تىزىلىپ، ھەربىي قائىدە بويىچە يېڭى ئەترەت باشلىقىمىزنى قارشى ئالدۇق.
بىرەر ئىش، پائالىيەت، خىزمەت ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان كىشىلەر توپى، گۇرۇپپا.
ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، سىنىپ بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدە قىزىل گالىستۈك تاقاپ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان.
<بىئول> بىئولوگىيىدىكى بىر سىنىپقا ياتىدىغان ۋە بەلگىلىرىنى ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن ئايرىلغان جانلىقلار توپى. مەسىلەن: قۇشلار سىنىپى، توخۇش شەكىللىكلەر ئەترىتى، قارىغاي سىنىپى، كۈمۈشئۆرۈك ئەترىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.