Uyghur主要词典
ئەستىلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر كىشىگە ياكى ئۆز يېقىنلىرىغا خاتىرە ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان نەرسە، بۇيۇم، يادىكارلىق.
بۇ ساڭا ئەستىلىك بولسۇن.
كۆچمە. ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن، كەچۈرگەن ياكى ئۆز ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئىش، ھادىسە، ۋەقە ھەققىدىكى ئەسلىمە.
ئۇنىڭ مەيۈس چىرايى، غەمكىن كۆزلىرى قانداقتۇر بىر ئاچچىق خاتىرە، كۆڭۈلسىز ئەستىلىكلەرنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.