Uyghur主要词典
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كىشىلەر ئۇچراشقاندا ئېيتىلىدىغان تەكەللۇپ سۆز: ساق - سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سالامغا جاۋابەن ئېيتىلىدىغان تەكەللۇپ سۆز: سىزمۇ ساق - سالامەت تۇرىدىڭىزمۇ؟
<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دېسە، <بەش تەڭگەمنى بەر> دەپتۇ. شېرىنئاي ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىردى. بازاردا سالام يوق، نامازدا تەكلىپ. بوۋايغا سالام بەردىم، ئۇ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دېدى ۋە ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تىنچىلىق>، <ئامانلىق>، <خاتىرجەملىك> دېگەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ سۆزنى ئۆز ئارا يۈز كۆرۈشكەندە تىنچلىق، ئامانلىق سوراش ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، يۈزنى ئوڭغا، سولغا بۇراپ <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دېيىش كېرەك.