Uyghur←Chinese主要词典
ئەسلىتىش ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
回忆法
huí yì fǎ
كىشىنىڭ خاتىرە سەۋىيىسىنى ئۆلچەشتە دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇل بويىچە تەجرىبە ئوبيېكتىنڭ ئۆگەنگەن ماتېرىيالىدىن سۇئال چىقىرىپ، ئوبيېكتنىڭ توغرا جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ئاددىي شەكلى خاتىرە دائىرىسىنى ئۆلچەش، مەسلەن: ئالدى بىلەن ئالدىنقىسىدىن كېيىنكىسىنىڭ بىر خانىسى ئۇشۇق بولغان بىر قانچە گۇرۇپپا سانلار ئېلىنىدۇ. مەسلەن:
1(1504؛ 2) 97230؛ 3( 265483؛ 4) 8269091؛ 5( 81039278؛ 6) 785371246؛ 7( 5690154382
قاتارلىق سانلار قويۇلىدۇ. سىناق ئېلىپ بارغۇچى ئالدى بىلەن مەلۇم گۇرۇپپىدىكى ساننى بىر قېتىم ئۇقۇپ بېرىپ، ئاندىن تەجرىبە ئوبيېكتىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىنى ياكى يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر توغرا جاۋاب بەرسە باشقا بىر سان سورىلىدۇ. بۇ تاكى تەجرىبە ئوبيېكتى مەيلى ئېنىزچە ياكى يازمىچە بولسۇن توغرا جاۋاب بېرەلمىگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تەجرىبە ئوبيېكتى ئەستە قالدۇرغان سانلارنىڭ خانە سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى خاتىرە دائىرىسىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. سان قوللانماي گېئومېتىرىل شەكىللەر، خەت ياكى باشقا بەلگىلەرنى ئۆلچەش ماتېرىيالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ