Uyghur主要词典
ئەسلەش
پسىخولوگىيە
ئىلگىرى ئەستە قالغان نەرسىنى ھازىرقى پەيىتتە ئىدراك قىلماي تۇرۇپ ئەسكە چۈشۈرۈش ياكى يادىغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز خاتىرىمىزدە قالغان ئوبراز، ھېسيات ۋە پىكىرلەرنى ئەسلىسەك، سەزگۈ ئەزالىرىمىز قاتناشماي تۇرۇپ يادىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. مەسلەن: بىز كۆرگەن ۋەقەلەرنى، يادلاپ ئالغان شېئىرلارنى ئەنە شۇنداق يادىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز، ئەسلەشنىمۇ ئاڭلىق ئەسلەش، ئاڭسىز ئەسلەشلەرگە بۆلۈش مۇمكىن.