Uyghur主要词典
ئەسكى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كونا، قەدىمكى:
كى ئەسكرگەن ئېردى دەرەختى ھەيات،
ئاڭا بولدى لازىم لىباس مەمات.
ئا. نىزرى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
كونا.
ئەسكى چاپان قىشتا ياخشى (ماقال). * ئەسكىنى ئوڭلىغىچەئېسىڭ كېتەر (ماقال). * ئەسكى تامدا قۇشقاچ تۇلا كەمبەغەلگە پۇتلاش (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
يامان.
قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى (ماقال). * بۇ ئەسكى ئادەم. * ئەسكىگە تەگكىنىڭ - تىرىكلا يەرگە كىرگىنىڭ (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كونا، قەدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمگەرچىلىكتىن چىققان، ئەسكىلىك قىلىشتىن يانمايدىغان.
ئېسىل - پەسلەر قوشۇلۇپ قالسا ئەگەر، پەس تەبىئىتى غالىب كېلەر ھەر سەپەر. پەسكەش ماختانغىنى بىلەن بۈيۈك بولماس، سەركەش يۈگۈرگىنى بىلەن كېيىك بولماس. رەزىل ئادەم ئاچ بۆرىدەك ھۇۋلار، گاھى ۋاي - دادلار، گاھى ۋارقىرار. ئۇ بەدرەكتىن ۋاپا چىقمايدۇ. ئىپلاس ئىپلاسلىقنى قىلمىسا ئۇخليالمايدۇ. مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما. نائەھلىگە قەرزدار بولما، ناتونۇشقا ھەمراھ. زېرىكلەر بىلەن زىندان گۈلستان، ناكەسلەر قىلار گۈلزارنى زىندان. ئەسكى ئەسكىلىككە يارىتىلغانمىكەن؟ ئۇ لەنىتىدىن نېرى يۈرگەن ياخشى. لەنىتى ئېھتىياج ئالدىدا ۋەدە بېرىپ، قانائەت ئالدىدا يۈز ئۆرۈيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق ئىشلىتىلىپ تۈسى ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان، ئۆڭگەن.
كونا چاپان يامغۇردا ياخشى. ئەسكى چاپانغا سۇسەر ياقا. ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشى ئەمەس، سۈپىتى تۆۋەن، خۇي - پەيلى بۇزۇق، يېقىمسىز، كۆڭۈلسىز، زىيانلىق.
يامان ئىشنىڭ پۇتى يوق، تېز يۈگۈرىدۇ. يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش. ياماندىن يىراق قاچ. ياخشىغا كۆرۈم يوق، يامانغا ئۆلۈم. ناچار بىلەي تېز خورايدۇ. ياخشى قوشنا دەردكە دەۋا، ئوسال قوشنا باشقا بالا. ئەسكى تۆمۈردىن شەمشەر پۈتەمدۇ؟ يالغانچىنىڭ سۆزى قانچە چىرايلىق بولسا، شۇنچە قەبىھتۇر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىققان ۋاقتى ئۇزاق، كۆپ ئىشلىتىلگەن، ئۇپراپ كەتكەن. كونا كىتاب، ئەسكى چاپان
يېڭى
ئەمدىلا پەيدا بولغان، ھازىرلا چىققان، ئىشلىتىلمىگەن، ئەينى ھالىتىدە تۇرغان. يېڭى كىتاب، يېڭى چاپان
دوستنىڭ كونىسى ياخشى، چاپاننىڭ يېڭىسى. ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى. ئەسكى تامدا قۇشقاچا تولا. يېڭىنى ئاياپ كىي، كونىنى ياماپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سەلبىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلمايدىغان، كەمچىلىكى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە توشمايدىغان، سۈپەتسىز.
ياخشى ، ئوبدان، ئېسىل ، ئەزگۈ ، بەلەن، ئەلا، ئەۋزەل
ئىجابىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان، ئارتۇقچىلىقى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، سۈپەتلىك.
بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ. ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا. ياخشى ئاتاق بىر قامچا، يامان ئاتقا يۈز قامچا. ئوبدان باولساڭ ئالىدۇ، ئوسال بولساڭ ئاسىدۇ. ئېسىل نەرسىنىڭ قاچىدا يۇقى قالار. قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى. ناچار ئادەم تۆرۈڭدە ياتا،، تۆرۈڭدىن چۈشسە، ئەيىبىڭنى ئاچار. ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى. ئېسىل سۆز ئالماسنى كېسەر. ئوبدان بولسا، ئۆزۈڭگە بالا، ناچار بولسا، بېشىڭغا بالا. ئاسماندىكى ساردىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ئەلا. يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. قىڭغىر دەرەخنىڭ قۇرۇغىنى ئەۋزەل. بۇزۇق ئادەمنىڭ ئۆلگىنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى بۇزۇق، يامانلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
ياخشى ، ئەزگۈ
ئىسىملاشقان: ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى ئوبدان، ياخشىلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
ياخشىنى يامان بۇزىدۇ. ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم. ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان سۆز ئۈستىگە. ياخشى ئاز، يامان كۆپ، بۇغداي ئاز، سامان كۆپ. ئەسكىنى ئالداپ ئىشلەت، تاسمىنى مايلاپ. ياخشىدا تۇرمىغان خوتۇن ئەسكىدە تۇرار. ئەزگۈ ئەزگۈلۈك قىلار، ياۋۇز ياۋۇزلۇق. ياۋۇزنىڭ يولدىشى كۆپ، ياخشىنىڭ كۈندىشى. ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول؛ قارىمۇقنىڭ دانىسى بولغۇچە، بۇغداينىڭ سامىنى بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەسكى، كونا.
ئەسكى تون _ ئەسكى تون. كونا تون.
1 - 174
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىشلىتىلىپ، كۆپ تۇتۇلۇپ كونىرىغان، كونا، سۈپىتىدە چۈشكەن.
ئەسكى چاپان. ئەسكى كىگىز.
ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇغقان ئۆلگەندە ياخشى (ماقال).
ئىستېمالدىن قالغان، تاشلىۋېتىلگەن، تاشلاندۇق.
- بۇنداق ئەسكى، سۇنۇق نەرسىلەرنى يىغىپ، ئېلىپ ساتقۇچى كىشى: سېنىڭ بۇ ئەسكى لاتا، ئەسكى ئاياغ ۋە تۆمۈر - تەرسەكلىرىڭنى پەقەت بازاردىكى ئەسكىپۇرۇشلارلا سېتىۋېلىشى مۇمكىن.