Uyghur主要词典
ئەسەر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەقلىي - ئىجادىي ئەمگەك مەھسۇلى.
بەدىئىي ئەسەر، ئىلمىي ئەسەر، تاللانما ئەسەر. * سەنئەت ئەسىرى، مۇزىكا ئەسىرى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىز، ئىزنا، ئالامەت.
تەشۋىشلىك ئالەمدە تىرىش، دائىم شۇ قەدەر،
قالمىسۇن مىجەزىڭدە قوپاللىقتىن ئەسەر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تەسىر.
پەقەت يامانلىقتۇر ناداندىن ئەسەر،
بىلىمسىز بار ياققا تاشلىما نەزەر.
ئاتام بارمۇ بۇ شەھىرىڭدە،
ئانام بارمۇ بۇ شەھىرىڭدە.
غېرىپلىق ئەسەر قىلدى،
دودىشاڭ كۈرەلەردە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نېرۋا ئاجىزلىق.
ئۇنىڭ ئەسىرى بار، ئەسىرى تۇتۇپ قالمىسۇن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالامەت، نىشان، ئىز، بەلگە؛ نىشانە.
كىتابلار، داستىخانلار، ئىجادىيەتلەر.
تەسىر:
3. ئاڭا كىم، ئىشىق، ھالى بولدى غالىب،
ئەسەر قىلماق نەسىھەتگۇي پەندى.
ئاتاي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نىشان، بەلگە، تەسىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتە يېزىلغان ماقالە، كىتاب.
ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، ئېستېتىك زوق ئالدىم. بىزنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىمىز يولداش زۇنۇن قادىرنىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەپ توپلام قىلىپ چىقىرىش. تېيىپجان ئېلىيېۋنىڭ نۇرغۇن ئەمگەكلىرى توپلام بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىدىن قالغان ياكى ئۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە، ئىز؛ ئالامەت.
تېۋىپ ئۇنىڭ تومۇرىنى ھەرقانچە تۇتۇپ باققان بولسىمۇ، ھېچقانداق كېسەللىكنىڭ ئەسىرىنى سېزەلمەپتۇ.
تەسىر.
سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا ئەسەر قىلدى.
كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان نېرۋا ئاجىزلىق ئالامىتى.
ئەسىرى بار ئادەم. ئەسىرى تۇتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ئىجابىي مېھنەت مەھسۇلى.
ئىلمىي ئەسەر يازماق. ئەسەر ياراتماق.
ئۇنىڭ دورىگەرلىك ئىلمىغا ئائىت ئۈچ پارچە ئەسىرى نەشر قىلىندى.