Uyghur主要词典
ئەسەبىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەيپى بۇزۇلغان، ئىش - ھەرىكىتى جىددىيلەشكەن.
چىن مۇھەببەت ئەسەبىي نەرسىلەرنى ياكى شەھۋانىي نەرسىلەرنى يىراققا قوغلايدۇ. جاللاتلار ئىستىرىيىلەرچە ۋارقىرىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىققان بىر بالاغا ئۇچرار. مىجازى چۇس كىشى ھېچكىم بىلەن ئەپ بولالمايدۇ. ئەسەبىي ئادەم ھەممىنى بىزار قىلىدۇ. نېرۋا بولۇپ قاپسەن، ئاغىنە، جىم تۇر. ئوت قېشىدا سالقىن بولماس، جىلىخۇرغا ئەقىل قونماس. قېنى قىزىق كىشى توساتتىن چاتاق تاپىدۇ. تۇرسۇن تازا سەپرا ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئاچچىقى، غەزىپى، زەردىسى تېز كېلىدىغان.
ئەسەبىي كىشى. ئەسەبىي بالا.
ئەزەلدىن تەمكىن ۋە خۇش چىراي بۇ ھاكىم تاقەت قىلالماي ئەسەبىي ئادەمدەك ۋارقىراپ تاشلىدى.
يامان خاراكتېرلىك، غەلىتە مىجەزلىك.
سوتلار قانلىق ۋە ھەيران قالارلىق ۋەقەلەرنى مەززە قىلىپ ئاڭلىغۇچى ئەسەبىي خوتۇنلارغا تولۇپ كېتەتتى.
قاتتىق ئاچچىق.
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى قانداقتۇر بىر خىل ئەسەبىي قەھرۇغەزەپ چىرمىۋالغانىدى.