Uyghur←Chinese主要词典
ئەرزېرۇم شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
爱尔捷鲁玛条约
ài ěr jié lǔ mǎ tiáo yuē
ئىران بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان تىنچلىق شەرتنامىسى. تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئەرزېرۇمدا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇش بولغان. ئەنگلىيە بىلەن روسىيە ئىران - تۈركىيە ماجىراسىنى ھەل قىلىپ، ئارىدىن مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن، ئەرزېرۇمدا تىنچلىق يىغىنى چاقىرىشنى تەكلىپ قىلغان، ئۇنىڭغا تۆت دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. بىر نەچچە يىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىران شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىران تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان سۇلايمانىيە ۋە زوھاب رايونىنىڭ غەربىدىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن؛ تۈركىيە ئىراننىڭ مۇھەممەرا ۋە ئەرەب دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى ھوقۇقىنى ۋە بۇ رايوندىكى دېڭىز قاتنىشى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ھەج قىلىشقا بارىدىغان ئىرانلىقلارغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلغان. ئىككى تەرەپ بىرلەشمە ھەيئەت تەشكىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى ئايرىشقا ماقۇل بولغان، ھەيئەتكەن ئەنگلىيە، روسىيە ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. لېكىن ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەرەب دەرياسىنىڭ چېگرىسى ئايرىلمىغان.