Uyghur主要词典
ئەرەفات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر تاغنىڭ نامى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەككە شەھىرىنىڭ يېنىدا ھاجىلار ھەج ۋاقتىدا يىغىلىدىغان ئورۇن. (تاغ.)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەككىنىڭ شەرقىدىكى كىچىك تاغ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «رەھمان تېغى» مۇ دېيىلىدۇ. تاغ ئىتىكى تۈزلەڭلىك بولۇپ (كەڭلىكى تەخمىنەن 6 - 7 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 12 - 13 كىلومېتىر)، ئەرافات تۈزلەڭلىكى دېيىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا جەننەتتىن قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇشۇ راغدا تېپىشقان. «تونۇشۇش» سۆزى ئەرەبچىدە «تەئەرافا» دېيىلگەنلىكتىن بۇ تاغ شۇنداق ئاتالغان. يىلدا بىر قېتىم ھەج قىلىدىغان مۇسۇلمانلار مۇشۇ يەردە جەم بولۇپ تۈنەيدۇ. ھەجنىڭ توققۇزىنچى كۈنى «ئەرافات كۈنى» بولۇپ، ھەج قىلغانلار مۇشۇ يەردە چېدىر تىكىپ توپلىشىپ ئەڭ مۇھىم مۇراسىمنى ئۆتكۈزىدۇ. چۈشتىن كېيىن ئىمام تاغ ئۈستىگە چىقىپ ۋەز ئېيتىدۇ ۋە ھەمدۇسانا ئوقۇيدۇ. كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن پائالىيەت ئاخىرلىشىدۇ.