Uyghur←Chinese主要词典
ئەرەب ئەللىرى باشلىقلىرى كېڭەشمىسى
领域: دۇنيا تارىخى阿拉伯国家首脑会议
ā lā bó guó jiā shǒu nǎo huì yì
ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي كېڭەشمىسى. بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى 1964-يىلى 1-ئايدا قاھىرەدە ئېچىلغان. يىغىندا ئىسرائىلىيىنىڭ ئىئوردانىيە دەرياسنىڭ يولىنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتكەنلىكى ئەيىبلەنگەن ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى قۇرۇش، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە قارار چىقارغان. شۇ يىلى 9-ئايدا مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە پورتىدا ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىردەك قوللىغان. ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى 1965-يىلى 9-ئايدا ماراكەشنىڭ كاسابلانكا (داربېدا) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، <ئەرەب ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى> ئىمزالانغان. 1982-يىلى 9-ئايغىچە جەمئىي 12 قېتىم يىغىن ئۆتكۈزگەن. 1982-يىلىدىكى 12-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئاخىرقى خىتابنامىسىدە پەلەستىن ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك پرىنسىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىنغا ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。