Uyghur←Chinese主要词典
ئەرەبلەر
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
大石(大食)
dà shí (dà shí )
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
蕃客
fān kè
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
蕃人
fān rén
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
大食
dà shí
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
大食人
dà shí rén
تارىخ,ئۇنىۋېرسال
阿拉伯人
ā lā bó rén
دۇنيادىكى مىللەتلەر
阿拉伯人
ā lā bó rén
<ئەرەبلەر> دېگەن بۇ ئۇقۇم ئاساسەن غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئەرەب ئەللىرى ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەرەب مىللەتلەر گۇرۇھىنى ياكى خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 200 مىليوندىن كۆپرەك، ئۇنىڭ 100 مىليوندىن كۆپرەكى ئافرىقىغا تارقالغان.
ئەرەبلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، بىراق جەنۇبىي ئەرەبىستان يېرىم ئارىلى بىلەن شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەرەبلەر ئىچىدە نېگىر ئىرقى تەركىبىمۇ بار.
ئەرەبلەر سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.
ئەرەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ لېۋان، سۈرىيە،پەلەستىن ۋە ئىئوردانىيىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئەرەبلەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى نېفىتلىكلەردە ئىشلەيدۇ.
ئەرەبلەر ئەسلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىدۇچى ساملارنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى، مىلادىدىن ئىلگىرىلا ئىككى دەريا ۋادىسى (مېسوپوتامىيە)، سۈرىيە، مىسىر ۋە پەلەستىن قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ قەدىمكى ئاسسىرلار، ئەرەملەر(ئارامېيلار)، خانائانلار، فىنكىيلىكلەر، ئىبرېيلار (يەھۇدىيلار) قاتارلىق قەدىمكى قەبىلە - قوۋملار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.
ھازىر ئەرەبلەر نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا، تۇرار جاي، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئەرەبلەر ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئىسلام دىنى قائىدە - يوسۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ - ئادەت، تىل - يېزىق، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن ئورتاقلىقنى شەكىللەندۈرگەن.
ئەرەبلەر شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە. ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىن قەدىمكى شەرق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان <ئەرەب مەدەنىيىتى> دەپ ئاتىلىدىغان شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان، بۇخىل مەدەنىيەت تار مەنىدىكى بىرلا ئەرەب مەدەنىيىتىگە ئەمەس، بەلكى كۆپ مىللەتكە خاس، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، تارىخشۇناسلىق، خەتتاتلىق، بىناكارلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئەرەب مىللەتلىرى خەلقى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەرەب خەلقى ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭگۈشتەرى، قەدىمكى شەرىق خەلق ئېپوسىنىڭ جەۋھىرى بولغان <مىڭ بىر كېچە>(<ئەلف - لەيلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەرەب خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت غەزنسىگە قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. <مىڭ بىر كېچە> قەدىمكى شەرق ھېكايە - چۆچەكلىرىنى ئۆزىگە يىپ ئۇچى ۋە مۇقەددىمە قىلىپ، بىر مۇكەممەل ۋەقەلىكنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئەسەر Ⅹئەسىردە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، Ⅹ[KG-*2]Ⅵ ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنىپ كىتاب بولۇپ چىققان.
ئەرەبلەر قەدىمكى شەرق ۋە يۇنان، رىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار قىسمىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىلىم - پەننىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىدە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەمدە دۇنياغا مەشھۇر نۇرغۇنلىغان ئەربابلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. مەسلەن: ماتېماتىك مۇھەممەد ئىبنى مۇسا ئەلخارەزىمى (780 - 850)، خىمىك جەبر ئىبنى ھەييان (702 - 765)، ئاسترونوم بەتتانىي (؟ - 929)، تىببىي ئالىم ئەل رازى (865 - 925) بىلەن ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا (980 - 1037)، تارىخشۇناس ئەبەرىي (838 - 923)، جۇغراپىيە ئالىمى بىرونى (973 - 1048)، پەيلاسوپ ئىبنى رۇشىد (1126 - 1198) قاتارلىقلار ئەرەب - ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچى، ئىلىم - پەن پىشۋالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەرەب خەتتاتلىق سەنئىتى ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
ئەرەبلەردە روزا ھېيىت، قۇربان ھېيىت، مەۋلۇد (ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 3 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ)، قەدرى كېچىسى (ھىجىرىيە كالېندارى بويىچە 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى)، بارات كېچىسى (ھىجىرىيە كالېندارى بويىچە 8 - ئاينىڭ 15 - 16 - كۈنىدىكى تۈنەك كېچىسى)، ئاشۇرا ئايىمى (ھىجىرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئۆتكۈزىدىغان بايرىمى) قاتارلىق ئورتاق ئۆتكۈزىلىدىغان دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيىت - ئايەملىرى بار. بۇ ھېيت - بايراملار ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان غەيرىي ئەرەب مىللەتلىرىنىڭمۇ دىنىي ۋە ئەنئەتىۋى ھېيت - بايراملىرىغا ئايلانغان.
ئەرەبلەر تارىختا دەسلەپ <ئەرەب كالېندارى>دەپ ئاتىلىدىغان كالېندار قوللانغان، ئۇنىڭدا بىر يىل 365 كۈن، 12 ئاي ھېسابلىنىپ بەش ئاينى 31 كۈندىن تۆت ئاينى 30 كۈندىن ئىككى ئاينى 29 كۈندىن قالغان بىر ئاينى 32 كۈن قىلغان، 128 يىلغا 31 كەبىسە ئاي قوشۇلغان، كەبىسە يىلىنىڭ كۈن سانىنى 366 كۈن قىلغان.
ئەرەبلەر 12 يىلنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، ھەر بىر يىلغا بىر ھايۋاننىڭ نامىنى قويۇپ، 12 مۆچەللىك يىل ھېسابىنى بەرپا قىلغان.
ئەرەبلەر 12 تۈركۈم يۇلتۇزلار توپىنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلغان ھەرىكەت يولىغا قاراپ ۋاقىت ھېسابلاپ، بىر يىلنى 12 بۇرجقا ئايرىپ، ھەر بىر بۇرجنى بىر ئاي قىلىپ، ھەر بىرىگە مۇناسىپ نام قويۇپ قوللانغان.
ئەرەبلەر بۇ خىل بۇرجلىق كالېندارنى <يۇلتۇز كالېندارى> دەپ ئاتىغان، ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەب كالېندارى ئاساسىدا ھىجىرىيە كالېندارىنى تۈزۈپ چىقىپ قوللانغان.
ھىجىرىيە كالېندارى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە سەپەر (ھىجرەت) قىلغان كۈنىنى يەنى مىلادى 622 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى (جۈمە) دىن باشلىنىدۇ.ھىجىرىيە كالېندارى ئەمەلىيەتتە ئاي كالېندارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئەرەبلەر جۈملىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەر ھىلال ئاي شەكلىنى ئۆزىگە سىمۋول قىلىدۇ.
ئەرەبلەر ئومۇمەن < 7 > رەقەمنى ۋە ئاق يېشىل رەڭنى ئۇلۇغ بىلىدۇ. يېشىل رەڭ چۆل - دەشتىنى ئۆزىگە ماكان قىلغان ئەرەبلەر ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ۋە بەخىت - سائادەتنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.
ئەرەبلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئۇزۇن بولۇپ ئۈچ - تۆت بۆلەككە بۆلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئىككىنچى بۆلىكى ئاتىسىنىڭ ئىسمى، ئۈچىنچى بۆلىكى بوۋىسىنىڭ ئىسمى، تۆتىنچى بۆلىكى فامىلىسى بولىدۇ،مەسلەن: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق پادىشاھى فايسالنىڭ تولۇق ئىسىم - فامىلىسى فايسال ئىبىن ئابدۇل ئەزىز ئىبىن ئابدۇل راخمان ئەل سەئۇد، بۇنىڭ ئىچىدە فايسال ئۆزىنڭ ئىسمى، ئابدۇل ئەزىز ئاتىسىنىڭ ئىسمى، ئابدۇل راخمان بوۋىسىنىڭ ئىسمى، سەئۇد فامىلىسى بولىدۇ.