Uyghur←Chinese主要词典
ئەردەشىر
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
阿尔达希尔
ā ěr dá xī ěr
دۇنيا تارىخى
阿尔达希一世
ā ěr dá xī yí shì
(مىلادىدىن ؟ - 412) ئىران ساسسانىيلار خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇنىڭ بوۋىسى ساسسان پارس ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئىستاھر شەھىرىدىكى تەڭرى ئىبادەتخانىسىنىڭ كاھىنى بولغان. تەخمىنەن مىلادىن 208-يىى ئاتىسى پاپاك (ساسساننىڭ ئوغلى) نىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئىستاھر رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. پارسنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، يەنە كىرمان، ئىسفاھان ۋە سۇسىيانا (ھازىرقى خۇرىستان) نى ئىشغال قىلغان. 224-يىلى پارس رايونىدكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە زورو ئاستېر دىنىي كاھىنلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا لەشكەر تارتىپ پارفىيە پادشاھلىقىغا قارشى تۇرغان. سۇسىيانانىڭ ھورمىز تۈزلەڭلىكى (ھازىرقى ئەھۋازنىڭ شەرقىي قىسمى) دىكى جەڭدە، پارفىيە پادىشاھى ئارتابان 5 (209 - 224) نى ئۆلتۈرگەن. 226-يىلى پارفىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى كېتىسفوننى پايتەخت قىلغان. زورو ئاستېر دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. كېيىن شەرقتە يەنە سسىتان، خۇراسان، مەرۋ بوستانلىقى قاتارلىق جايلاrنى بويسۇندۇۇرپ، قەدىمكى زېمىنى پارفىيەنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالغان. غەربتە رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 232-يىلى رىم پادىشاھى ئالېكساندر سېۋېرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان، كېيىن ئەرمېنىيىنى قوشۇۋالغان.