Uyghur主要词典
ئەقىلسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلى يوق، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
ئەقىلىسىزنىڭ پەمى يوق، گەپ - سۆزىنىڭ تەمى يوق. ئەقىلسىز باش _ جانسىز تەن. ئىدراكسىز باشىنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ. پاراسەتسىز پالاكەتكە يولۇقار. ئەقلىڭىز دۈمبىڭىزگە ئۆتۈپ قاپتۇ، _ دېدى شاھ مەخسۇت. ئۇ ھازىر تاراقلاپ يۈرىدۇ، بىراق ئۇ كاللىسى يوق، دۆلەت بىر نېمە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى، پەم - پاراسىتى كەم ۋە ياكى يوق.
ئەقىللىق، پاراسەتلىك، پەملىك
ئەقلى - ھوشى جايىدا، پەم - پاراسىتى بار.
ئەقىللىق ئالدىماس ھەم ئالدانماس. پاراسەتلىككە بالا - قازا يولىماس. پاراسەتسىز پاراڭچى كېلىدۇ. ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەقىلسىز خوتۇنىنى. ئەقىلسىز بىلەن پولۇ يېگۈچە، ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ. ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەقىلسىز چۈشىگە. پاراسەتلىك ئۆزىنى ئەيىبلەر، پاراسەتسىز ئۆزگىنى. پەملىك ئىش پۈتتۈرەر. پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەقلى يوق، بىئەقىل، ئەخمەق.
ئەقىلسىز دوستتىن، ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى (ماقال).
بۇ ئەقىلسىز دائىم ئۆزىگە ئىش تېپىپ يۈرىدۇ.