Uyghur主要词典
ئەقلىي قابىلىيەت
پسىخولوگىيە
ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىلىش ۋە بىلىم ئارقىلىق ئەمەلىي مەسلىلەرنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىدۇر. بۇ ئاساسەن ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى ئىنكاس ئېتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، توغرىلىقى جەھەتتە ۋە بىلىمنى تەتبىقلاپ ئەمەلىي مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ سۈرئىتى ھەم ئۇنىڭ سۈپىتى جەھەتتە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئەقلىي قابىلىيەت بىر خىل ئاددىي قابىلىيەت ئەمەس، بەلكى ئۇ كۆزىتىش قابىلىيىتى، دىققەت قابىلىيىتى، خاتىرە قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى، خىيال قابىلىيىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇرەككەپ قۇرۇلمىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ يادروسى تەپەككۇر قابىلىيىتىدۇر. ئەقلىي قابىلىيەت ئىنسانلارنىڭ بىلىم، تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىشى ۋە ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى جەريانىدا تەرەققىي قىلىدۇ. لېكىن ئۇ بىلىم، ئەمەلىيەت بىلەن بىردەك ئۇقۇمدىكى نەرسە ئەمەس، ئەقلىي قابىلىيەت ئادەمنىڭ تۇغما تەبىئىتى، ئىجتىمائىي تارىخىي مىراسلار بىلەن تەربىيە بېرىشنىڭ تەسىرى ھەم كىشىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى قاتارلىق ئۈچ ئامىلنىڭ ئۆز ئارا تەسرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى.